قىرغىزلار نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.18

17‏-يانۋار قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش پارتلاپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان. بۇ، قىرغىزىستاندا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە خىتايغا قارشى پارتلىغان 2‏-قېتىملىق نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 17‏-يانۋار كۈنى تەخمىنەن 300 دەك قىرغىزىستان پۇقراسى بىشكەك شەھەردىكى ئالاتوۋ مەيدانىدا توپلىنىپ، قىرغىزىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ قىرغىزىستاندا كېڭىيىشىنى چەكلەشنى، جۈملىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى قىرغىزىستان پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشنى مەنئى قىلىش، ئۇلارغا قىرغىزىستاندا ئىشلەش رۇخسىتى بېرىشنى چەكلەش، خىتاي پۇقرالىرىنى قىرغىزىستاندا تۇرغۇزماسلىق، قىرغىزلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەش، خىتاينىڭ قەرزى پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويغان. بولۇپمۇ نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ئالغان زور مىقداردىكى قەرز پۇلىنى قانداق ئىشلەتكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتايدىن 400 مىليون دوللاردەك قەرز ئېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قايتا-قۇرغان. لېكىن بۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئۆتكەن يىلى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ 18‏-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر تۈنۈگۈنكى نامايىشتا 20 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى باقىت سېيتوف، تۇتقۇنلارنىڭ «جامائەت تەرتىپىنى بۇزغان» دەپ ئەيىبلىنىپ، ھەر بىرىگە 45 دوللار جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، نامايىشتا بۇ كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىرغىزلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىكەن. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورۇنباي جېنبېكوف يېقىندا «قىرغىزىستان-خىتاي شېرىكچىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.