2010-يىلىدىن بۇيان تاقىۋېتىلگەن قىرغىز-ئۆزبەك چېگرا ئېغىزلىرى قايتا ئېچىلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-09-10
Share

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزايېفنىڭ 6-سېنتەبىردە قىرغىزىستانغا قىلغان ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى توڭلار تەدرىجىي ئېرىشكە باشلىغان.

«ئازادلىق رادىيوسى» ئۆزبېكچە ئاڭلىتىشىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاۋكەت مىرزايېف قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى «دوستلۇق چېگرا ئېغىزى» قايتا ئېچىلغان.

شۇ كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىككى دۆلەتتىن نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان ھەمدە ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2010-يىلى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگراسىدىكى ئوش، جالالئاباد قاتارلىق رايونلاردا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان تەرەپ 15 چېگرا ئېغىزىدىن 12 نى تاقىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان.

شاۋكەت مىرزايېف بۇ قېتىملىق قىرغىزىستان زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش ۋە تۆمۈر يول قاتنىشىنى تورلاشتۇرۇش ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىدىكى ئۆزبېك ئاھالىلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئۆزبېك مەكتىپى قۇرۇش توغرىلىق ۋەدە بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت