خىتاي قىرغىزىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ 49% پايچېكىنى سېتىۋالماقچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش جەريانىدا بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ پايچېكلىرىنى سېتىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاي تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھېسابلىنىدىغان «قىرغىزىستان ھاۋا يوللىرى» نىڭ 49% پاي چېكىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئوتتۇرا ئاسىيا» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ئارىسىدا مەخسۇس قىرغىزىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ 49% پايچېكىنى خىتاي تەرەپ سېتىۋېلىش ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق شىركىتى قۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.خىتاي تەرەپ بىشكەكتىكى ماناس ئايرودرومىدىن خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خەلقئارا ھاۋا لىنىيىلىرىنىڭ ترانزىت-يەنى ئۆتكۈنچى يولى سۈپىتىدە پايدىلىنىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشنا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتا ئېنېرگىيە، بولۇپمۇ تەبىئىي گاز نېفىت ھەمدە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا ھەر ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت