قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ئۆز رەھبىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.02.26


يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىشكەك شەھەر مەركىزىدە ئۆكتىچىلەر نارازىلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان رەھبىرى ئۆمۈربېك تېكېبايېۋنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئاتا-ماكان» پارتىيەسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا قاتناشقان مىڭغا يېقىن ئۆكتىچى ھۆكۈمەتتىن قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئاتا ماكان پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئۆمۈربېك تېكېبايېۋنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھەتتا مەزكۇر يىغىلىشقا سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋامۇ قاتناشقان.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆمۈربېك تېكېبايېۋ 25-فېۋرال كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، قىرغىزىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭغا پارىخورلۇق ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشى ئارتقان.

تەھلىل قىلىنىشىچە، ئۆمۈربېك تېكېبايېۋ ھەپسىگە ئېلىنسا، ئۇنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆز نامزىتىنى كۆرسىتىشىتن مەھرۇم بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

58 ياشلىق تېكېبايېۋ، پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېۋنىڭ يېقىن سەپدىشى ئىدى. بىراق، ئاتامبايېۋ پرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، ئاتاقلىق ئۆكتىچى رەھبەرلىرىنىڭ بىرگە ئايلانغان.

مەلۇمكى، 1991-يىلى،قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۆكتىچىلەر نامايىشى يۈز بېرىپ، ئىككى قېتىم پرېزىدېنت ئاغدۇرۇلۇپ، باشقا مەملىكەتكە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.