قىرغىزىستان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئىشلەتتى، دەپ قارالغان پاسپورتلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-05-21
Share

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەتلىك پاسپورت رويخەت ئىدارىسى 20 - ماي بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قىرغىز پاسپورتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ساختا پاسپورتلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئودا نەقىل قىلىشىچە، رويخەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تايىربېك سارپاشېۋ قىرغىز پاسپورتلىرىنىڭ راست پاسپورتلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.

17 - ماي 98 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە ئاتاتۇرك ئايروپورتىدا توسۇلۇپ قالغانلىقى، بۇلارنىڭ ساختا قىرغىز پاسپورتى بىلەن چېگرادىن ئۆتمەكچى بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

كېيىنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كىشىلەر ساياھەت ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەن بولۇپ، تۈركىيە بۇ ئالدامچىلىق دېلوسىغا ئالاقىدار 4 ئادەمنى قولغا ئالغان.

ئىستانبۇلدا توسۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە قويۇپ بېرىلگەن.

تۈركىيەنىڭ بۇ چارىسىز ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنى قويۇپ بەرگەنلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى سۆيۈندۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇرلار تۈرك تۇپرىقىدا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنە قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.