خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى بىر ئالتۇن كېنى يەرلىك قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ جەنۇبىي قىرغىزىستاندىكى جالال-ئاباد ئوبلاستىدا ئالتۇن كان ئېچىش پىلانى يەرلىك قىرغىزلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئالدىنقى كۈنى بۇ يەردىكى خىتاي شىركىتىنىڭ خىزمەت بىناسى، ئامبار، تەجرىبىخانا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسۋابلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

بۇ ۋەقە 11‏-ئاپرېل يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى جالال-ئاباد ئوبلاستىنىڭ توقۇزتورا رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 500 دەك قىرغىز پۇقراسى ئالتۇن كاننىڭ مۇھىتنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ئالتۇن كان شىركىتىنىڭ بۇ رايوندىكى قورۇسىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ بەرگەن.

ۋەقەدە ئۆلۈپ -يېتىم ياكى يارىدار بولغانلارنىڭ بار-يوقلۇقىغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر يوق. لېكىن قىرغىزىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك پۇقرالار قىرغىزىستان-خىتاي شېرىكچىلىكىدىكى ماكمال GL بىرلەشمە كان شىركىتىنىڭ خىزمەت بىناسى، ئامبار، تەجرىبىخانا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسۋابلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. شىركەت قىرغىزىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا شىركەتنىڭ 5 مىليون دوللاردەك مۈلكىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنىڭ يىپەك يولىدىكى دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇپ قويىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قەرزىگە بوغۇلۇپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، ئىقتىسادىنى خىتايغا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدىكەن ۋە مۇھىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى ۋەقە خىتاي ئالتۇن كان شىركىتىنىڭ بۇ رايوندا پىششىقلاپ ئىشلەش سېخى قۇرۇشنى پىلانلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىكەن.

ۋەقەدىن كېيىن قىرغىزىستان باش مىنىستىرى سەپەر ئىسھاقوف رايون باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. «قىرغىزىستان 24 قانىلى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى قىرغىزىستان دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشنى، ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت