قىرغىزىستانلىقلارنىڭ خىتاي ۋىزىسى ئېلىشى قىيىنلاشقان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.30

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى كونسۇلخانىسى قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان شىركەت خادىملىرى ياكى شەخسىي تىجارەت قىلىدىغانلارغا قىيىنچىلىق كېلىپ چىققان.

خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى توختاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولۇپ، نەتىجىدە تىجارەتچىلەر ۋە يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ئۆزلىرىگە كېرەكلىك ماللارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خىتاي تەرەپكە بارالمىغانلىقىدىن نارازى بولۇشقان، ئەمما خىتاي تەرەپ يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە خىتاي سودىگەرلىرى يەنىلا ئەركىن ھالدا قىرغىزىستانغا كەلمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل بۆلۈمى ۋىزا بېجىرىش ھۆججەتلىرىنى ئىلگىرىكىدىن مۇرەككەپلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ۋىزاغا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارماق ئىزىنى تەلەپ قىلىشنى باشلىغان.

ئۆتكەن يىلى 30-ئاۋغۇست كۈنى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بىر مەزگىل ۋىزا بېرىشنى توختىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىلىقتا يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىكەن. ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە يېزىلىشىچە ئەمما ۋىزا ئېلىش قىيىنلاشقان، ھەتتا ساياھەت ۋىزىسى توختىتىلغان ئىكەن.

مەلۇمكى، خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەر ئىزچىل ئاكتىپ ھالدا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قىرغىزىستانلىقلار خىتاي ۋىزىسىغا ئېرىشىپ، قوشنا ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئىچكى خىتاي چوڭ شەھەرلىرىدىن ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈپ، سودا قىلىدۇ،شۇنىڭدەك يەنە كۆپ ساندىكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ قىرغىزىستاندا سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.