قىرغىزىستاندا ئالتايشۇناسلىق يىغىنى چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.07.23

مەركىزى ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، 20-22 ئىيۇل كۈنلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدىكى سارى-ئۆي رايونىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، رۇسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت ۋە 20 دىن ئارتۇق مىللەتنىڭ ۋەكىلى ئىشتىراك قىلغان خەلقئارالىق ئالتايشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئاساسلىقى ئالتاي خەلقلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ۋە تىل مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئالتاي ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى پەيدا بولغان مەنبەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەر فىن-ئۇگور، تۈرك-موڭغۇل، مانجۇر-تۇڭگۇس ، كورېيە ۋە ياپون خەلقلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر، ھازىر بۇ مەنبەگە مۇناسىۋەتلىك خەلقلەر كەڭ ياۋرو-ئاسىياغا تارقالغان. خەلقئارادا، جۈملىدىن ئامېرىكىدا ھەم بىر قىسىم ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئەنە شۇ خەلقلەرنىڭ تىللىرى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي باغلىنىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي داۋاملاشماقتا.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە خىتابنامە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئالتاينى يىلتىز قىلغان خەلقلەر ۋە ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ، ئىلمىي ۋە مائارىپ ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ھەمدە بۇنىڭغا قىزىققۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنىمۇ كۈچەيتىش قارار قىلىنغان.

ئاخىرىدا يەنە قىرغىزىستاندا خەلقئارالىق «ئالتاي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى» قۇرۇپ سايان-ئالتاي، موڭغۇلىيە، غەربىي ۋە شەرقىي تەڭرى تاغ ھەم پامىر كۆچمەنلەر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش قارار قىلىنغان. پائالىيەت جەريانىدا يەنە قازاق، قىرغىز، تاتار، باشقۇرت ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئالتاي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرى نامايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.