بىشكەكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

5-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش يۈز بەرگەن.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بىر قانچە ئون نامايىشچى ئامما بىشكەكتىكى ب د ت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

قوللىرىدا «خىتاي فاشىزمىغا قارشى تۇرايلى» دېگەن شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان قىرغىز نامايىشچىلار ب د ت باش سېكرېتارى ئانتونىيو گۇتېررېستىن خىتايدىكى قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكنى توختىتىش ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار شۇنداقلا يەنە، ب د ت 'نى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئالاھىدە بىر تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماۋاتقانلىقى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا ھۆكۈمەتلەر تېخى بۇ مەسىلىدە خىتايغا ئېنىق تەنقىدىي ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا قامالغان بىر قىسىم قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان پۇقرالىرى تەشكىللىنىپ خەلقئارا ئاخباراتلارغا دەردىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. 29-نويابىر كۈنى قىرغىزىستاندا قۇرۇلغان «خىتايدىكى قىرغىزلارنى قوغداش كومىتېتى» شۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە 800 مىڭدىن بىر قانچە مىليونغىچە كىشىنىڭ لاگېردا يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېر تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئۆز دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ ئورۇنلارنىڭ لاگېرلىقىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

تولۇق بەت