قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 275 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قۇرۇلۇش پىلانىنى بىكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-27
Share

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 275 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قۇرۇلۇش پىلانىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇش مەبلەغ پىلانىغا قارشى يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار سەۋەبىدىن يۇقىرىقىدەك قارار ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. 

17-فېۋرال كۈنى نەچچە يۈزلىگەن كىشى قىرغىزىستاننىڭ نارىن رايونىدىكى ئاتبېشى يېزىسىغا يېقىن جايدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 275 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ئەسلىدە بىر تايانچ بازا قۇرۇش تۈرى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 2019-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ماقۇللانغان ئىكەن.

شۇ كۈندىكى نامايىشتا ئالاھەزەل 2000 ئەتراپىدىكى نامايىشچى قوللىرىدا «بىز بۇ تايانچ بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىمىز»، «قىرغىز زېمىنى خىتايغا بېرىلمىسۇن» دېگەندەك شوئار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، نامايىش قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى، پىلان بىكار قىلىنمىغۇچە نامايىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

خەۋەرگە قارىغاندا، قىرغىز دائىرىلىرى پىلاننىڭ بىكار قىلىنىش خىزمەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، قىرغىز دائىرىلىرى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئالدىن بېرىلگەن 645 مىڭ دوللارنى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.