قىرىم تاتاترلىرى ب د ت دىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-19
Share

رۇسىيە قوشۇۋېلىشى ئاستىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشايدىغان قىرىم تاتارلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلىرىدىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش كومىتېتى دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلىي ئورگان ب د ت، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلىرىگە خەت ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن قىرىم تاتارلىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەبرىز قىلىنىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر بايانات شەنبە كۈنى قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ قىرىمدىكى سىنفېرېپول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەلەپ باياناتىدا بدت باش سېكرېتارى بان كىموندىن قىرىم تاتار خەلقىنى يوقىتىشقا يول قويماسلىق تەلەپ قىلىنغان. ئۇلار رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى قىرىم ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىمنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن

ئۆتكەن يىلى قىرىم رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېين، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن قىرىم تاتار تىلىنىڭ قىرىمدىكى ھۆكۈمەت تىلىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى قىرىم تاتارلىرىغا كۆپ ھوقۇقلارنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت