خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «قىزىل مائارىپ» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ «ئىنقىلابىي ئەنئەنە مائارىپىغا ۋارىسلىق قىلىش» تېمىسىدىكى «قىزىل مائارىپ» نى جانلاندۇرۇشقا باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خىتايچە تورىدا 18-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ 11-ئىيۇن ۋە 14-ئىيۇن ئۈرۈمچى قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى ۋە خىتاينىڭ تارىخىي مۇزېيلىرىدا ئايرىم-ئايرىم زىيارەت ئېلىپ بارغان. 

خەۋەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەبرىلەرنى تاۋاپ قىلىش، خىتاينىڭ كومپارتىيە بايرىقىغا قاراپ تۇرۇپ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قەسەم سۆزىنى ئەسلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەنگەنلىكى ۋە شۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاتالمىش «قىزىل روھى» غا «ۋارىسلىق قىلىش» قا يېتەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ تارىخى ماتېرىياللىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ بىرقىسىمى بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى خىتاينىڭ «ئىنقىلابىي ئەنئەنە مائارىپىغا ۋارىسلىق قىلىش» تېمىسىدىكى «قىزىل مائارىپ» نى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەنگەن. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەت كىشىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىشقا دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەندۈرۈلگەن. مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرى ۋە باشقىلارغا ئائىت ھەر قانداق بىلىم بېرىش ۋە ياكى بۇ ھەقتە سۆزلەش چەكلەنگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا «جۇڭخۇا مىللىتى» تەرغىباتى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رايوندا «قىزىل مائارىپ» تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋج ئېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك پىكىرلىرىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، ئۇلارنى «خىتايلاشتۇرۇش» قا ئۇرۇنۇشىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت