«جىڭگاڭشەندىكى قىزىل تەربىيە» پائالىيىتى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە كېڭەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە كەڭ ئەۋج ئالغان «جىڭگاڭشەنگە بېرىپ قىزىل تەربىيە ئېلىش» پائالىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

«ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى» تورىنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن 150 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى جىڭگاڭشەندە ئالتە كۈنلۈك يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۇلار بۇ جايدا خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ «قەدەم ئىزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئىنقىلابىي ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن تونۇشقان.» قىزىل ئارمىيەنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيىپ تولىمۇ كېلەڭسىز قىياپەتكە كىرىپ قالغان بۇ سەبىيلەر خىتاي كومپارتىيەسى خاتىرە سارىيى، قىزىل مۇزېي قاتارلىق جايلاردا «ئىنقىلابىي قەسەم» ۋە «قۇربانلارغا تەزىم» پائالىيىتىگە تەشكىللەنگەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىن مەلۇم بولغان تۈرلۈك ئۇچۇرلاردا نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغانلارغا ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە «قىزىل تەربىيە» تەشۋىقاتىنىڭ ھەر كۈنلۈك مەجبۇرىي مەشغۇلات بولۇۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىمۇ بۇ سىياسىي تەشۋىقات قاينىمىغا سۆرەپ كىرىش ھەققىدە سۆز قىلغان ئانالىزچىلار «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېپى ئۆزىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت