قاغىلىق مائارىپىنىڭ تولۇق «قىزىللىشى» ئەمەلگە ئاشقان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە مائارىپنى «قىزىللاشتۇرۇش» دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا ئىكەن.

12-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر ناھىيەدە خىتاي پىئونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلگەن. پۈتۈن ناھىيەدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قىزىل گېننى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزەيلى» دېگەندەك ئىنقىلابىي شوئارىنى ئۆگىنىش، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىغا سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىش دېگەندەك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەنگەن.

بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئالاقىدار رەسىملىك مەلۇماتلارمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتكۈل «ئۆگىنىش» مۇھىتىنىڭ «قىزىللىشىپ بولغان» لىقىنى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە مائارىپقا مەنسۇپ ھېچقانداق ئامىلنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە كىچىكىدىن سىياسىي تەربىيە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشتىن باشقا تەربىيە بەرمەسلىك، مەكتەپتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر مەزمۇن بولماسلىقتەك بۇ ھال ھەققىدە پىكىر قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت پىكىر بايان قىلدى. ئۇ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە چەكلەش تەدبىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ماڭقۇرتلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا بولۇشى» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان نوپۇسنىڭ 93 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە قاغىلىق ناھىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇۋىسى» دەپ قارالغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت