شىمالىي كورىيە جەنۇب بىلەن بولغان ئىسسىق لىنىيە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-03-27
Share

شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيە بىلەن بولغان ئىسسىق لىنىيە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، «ھەر ۋاقىت ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقى»نى ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن شىمال - جەنۇب ئارىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەسمى ھەربىي ئالاقە لىنىيىسى ئۈزۈلگەن. بۇ پيوڭياڭنىڭ بۇ يىل فېۋرالدىكى يادرو سىنىقىغا قارشى چىقارغان ب د ت ئىمبارگوسى ۋە ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قايتۇرغان ئەڭ يېڭى ئىنكاسى.

كورىيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى ھەربىي دائىرىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: ھازىرقى ۋەزىيەت ئاستىدا ھەر ۋاقىت ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ ھەربىيلىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان شىمال - جەنۇب ھەربىي ئالاقە لىنىيىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى قالمىدى، دېگەن.

بىراق ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيەگە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇرۇش قوزغاشقا تەۋەككۇل قىلالىشى ناتايىن. شىمالىي كورىيە ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇزۇن مۇساپىلىق توپچى قىسىملىرى ۋە ئىستراتېگىيىلىك راكىتا قىسىملىرىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورىيە، گۇئام، ھاۋاي، ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ھەرقانداق تاسادىپىلىققا قارشى تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەر بىي مانېۋىرىغا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ B - 52 ناملىق ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانىنى قاتناشتۇرۇپ، پيوڭياڭنى ھەرقانداق تەلۋىلىككە تەۋەككۈل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت