«يېزا قوش تىل يەسلى» لىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.31

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن «سېلىشقا تېگىشلىكىنى چوقۇم سېلىش»، «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكى چوقۇم يەسلىگە كىرىش» دەپ ئاتالغان بىر نىشان بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا.

بۈگۈن خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ نىشانغا ئاساسەن 9-ئايدا 1 مىليون 128 مىڭ 900 مىڭ نەپەر بالىنىڭ «قوش تىل» يەسلىلىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان، ئەمما خىتاي تىلى ئاساس قىلىنغان يەسلىلەرگە كىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇ يىل بېشىدا بەلگىلەنگەن جەنۇبتىكى يېزىلاردا 4387 يېڭى قوش تىل يەسلى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىمۇ ئەمەلدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، جەمئىي 4408 يەسلىنى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ئۈچۈن پۈتتۈرۈپ بولغان.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنى بۇنداق كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلار، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشنى ئاساس قىلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى «13 بەش يىللىق پىلان» غا ئاساسەن يېزىلاردىكى «قوش تىل يەسلى» قۇرۇلۇشىنى يەنە داۋاملىق ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.