ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا يەنە بىر تۈركۈم قوش تىل يەسلىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن
2016.09.20
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» نى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا يەنە بىر تۈركۈم قوش تىل يەسلىلىرى ۋە قوش تىل سىنىپلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
«خەلق تورى» دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق ھەرقايسى يېزىلاردا يەنە 100 قوش تىل يەسلىسى ئېچىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يەسلىلەر «ئۇدا ئۈچ يىل ھەر يىلى 30 دىن ئارتۇق قوش تىل يەسلى قۇرۇش» پىلانىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە تۇرپان شەھىرى بويىچە 956 سىنىپى بولغان جەمئىي 193 قوش تىللىق يەسلىسى ئىشقا كىرىشىپ بولغان. تۇرپاندىكى يېزىلاردا ئوقۇشتىن ئاۋۋالقى ئۈچ يىلدا قوش تىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %79.4 كە يەتكەن.
باي ناھىيىسىدىمۇ ھازىرغىچە 104 قوش تىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، 52 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلغان. باي ناھىيىسىدىكى بالىلارنىڭ قوش تىل يەسلىلىرىدە ئوقۇش نىسبىتى 98.8 پىرسەنتكە يەتكەن. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى»نىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سېپىدىن پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە ئاقىۋەتتە ئىلىم-پەن، مائارىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە باشقا ساھەلەردىن يوقىتىشنى نىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ، ئۇلار، يەسلى بالىلىرىنىڭ كىچىك يېشىدا ئانا تىلدىن يات بىر تىلنى ئۆگىنىشكە زورلىنىشى ئۇلارنىڭ نورمال ئەقلىي تەپەككۇرى ۋە ئۆز مىللىي كىملىكى ھەم مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا.









