خىتاي دائىرىلىرى ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-03-14
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىل مائارىپى» نى ئاساسىي قاتلاملاردا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن 13 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ناھىيە - يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە دەرس بېرىشكە سەپلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرىدىكى 17 ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 ئوتتۇرا تېخنىكوم دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىلى، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق 11 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستىكى 1903 ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىگە چۈشۈرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوش تىل مائارىپى بويىچە تۆۋەن قاتلاملارغا چۈشۈرۈش پىلانى 2010 - يىلى ««شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسەن يولغا قويۇلغان. پىلان بويىچە، ھازىرغىچە 42 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۆۋەنلەرگە چۈشكەن.

خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ئەڭ قاتتىق قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرى بارلىق نارازىلىقلارغا ۋە بۇنى توختىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا قارىماي، بۇ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى ۋە قەتئىي داۋام قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە بۇنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەشتىكى بىر ۋاسىتىغا ئايلاندۇرغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت