خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «قوشماق تۇغقان» ۋە «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» نىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويىدىغان سىياسەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىكەن. بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 9-ۋە 10-ئۆكتەبىر كۈنلىرى چاقىرىلغان 13-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى قانداق ئىجرا قىلىشنى نۇقتىلىق تېما قىلغان.

شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا خىتاينىڭ خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا چېن چۈەنگو شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئىجرا قىلىشنىڭ 9 نۇقتىلىق تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ «بىرلەشمە مۇشتنى ياخشى ئېتىشنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش» نى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» «بىر تۇغقان» ۋە «دوستلۇق پائالىيەتلىرى» نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايلاستۇرۇش» يولىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىشنى، بىڭتۇەنىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى ئالغا سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىشى ئامېرىكانىڭ جازالىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن رايوندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە كۆچمەنلىرىگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.