تۈركمەن پرېزىدېنتى قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوۋ ئىستېپا بەردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركمەن پرېزىدېنتى قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركىستاندا كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ۋە پارتىيە رەھبەرلىك ئورىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، بەردىمۇھەممەدوۋ شەنبە كۈنى ئېچىلغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «تۈركمەنىستان دېموكراتىك پارتىيىسى» رەھبەرلىك ئورنى ۋە دۆلەت پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇ، 2006 - يىلى سابىق تۈركمەن پرېزىدېنتى سەپەرمۇرات نىيازوۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۈركمەنىستانغا پرېزىدېنت بولغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈنى كەچتە تۈركمەنىستان دېموكراتىك پارتىيىسى بىلەت تاشلاپ يېڭى رەھبەر بېكىتىپ چىقىدىكەن.

ئۆتكەن يىلى تۈركمەنىستان بىر يېڭى قانۇن ماقۇللاپ، تۈركمەنىستاندا باشقا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىغا يول قويغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركمەنىستاندا «سانائەت ۋە سانائەتچىلەر پارتىيىسى» قۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پارتىيە بۇ يىل دېكابىردا تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت