خىتايدا «H5N6» قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.01.05

خىتايدا «H5N6» قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يەنى 30-دېكابىر كۈنى شېنجېن شەھىرىدە «H5N6» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 26 ياشلىق بىر ئايال دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «H5N6» ۋىرۇسى سەۋەنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ئايالغا كېسەل ئەمەك ھايۋانلاردىن يۇققان. خەۋەردە يەنە گۇاڭدۇڭنىڭ ساۋچىڭ شەھىرىدە ئوخشاش ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 40 ياشلىق يەنە بىر ئايالنىڭمۇ نۆۋەتتە ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەرلەردە يېقىنقى يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، 2014-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە «H5N6» ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقە خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.