ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئامېرىكادىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى جەمئىيەتلىرىنى تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى
2021.05.07
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ئامېرىكادىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى جەمئىيەتلىرىنى تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى جەمئىيىتى ئۆتكەن ھەپتە قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە پۈتكۈل تەمىنات زەنجىرىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىدىغان بىر تەدبىرنى يولغا قويغان.
ئامېرىكادىكى «تەمىنات زەنجىرى» ناملىق سودا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى ئىز قوغلاش تۈزۈمى» ناملىق بۇ تەدبىر مەخسۇس ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىلغان ئىكەن.
خەۋەردە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيال بازىسى. ئىلگىرى خەلقئارا تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
لېكىن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەلىك بازار ئانالىزچىسى جوھاننىس بېرنرۇيتېر، ئەڭ ياخشى چارە تەمىنات مەنبەسىنى خىتايدىن باشقا جايغا يۆتكەش ئىكەنلىكى، بىراق بۇنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئېشىشى قىيىنلىقى، ئىز قوغلاشنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدىكى بىردىن بىر چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.









