ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.15

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بولغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. 15-نويابىر كۈنى «بۆسۈش ئىنىستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزى ئېلان قىلغان «قۇياش ئىمپېرىيەسىنىڭ گۇناھلىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلات ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق سەلبىي ھادىسىلەرنى سىستېمىلىق شەرھىلەپ چىقتى.

دوكلاتتا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ قانداق ناچار مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، قەيەردە ياسىلىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خلدىكى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىدىن قانداق مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقى، «پاكىز ئېنېرگىيە» ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان خەلقئارا دۇنيانىڭ مۇشۇ خىلدىكى «گۇناھ ۋە رەزىللىك»كە تولغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىشلىتىشتىن توختىشى لازىملىقى دېگەنلەر كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىىي ئەمگىكىنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن ماقۇللىغان بولسىمۇ خىتايدىن باشقا چوڭ بازار مەنبەسى بولمىغانلىقتىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنى مەنئى قىلىش ھەققىدە ھازىرغىچە بىرەر بەلگىلىمە ئېلان قىلمىغان. بۇ خىلدىكى دوكلاتلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە تېخىمۇ كەسكىنرەك قارار ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.