رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.14

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 6‏-فېۋرال كۈنى باشلانغان ياپونىيە زىيارىتى 12‏-فېۋرال كۈنى ئاخىرلاشقان.

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان نەق مەيدان سۈرەتلىك يىغىن خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.

رابىيە خانىم، 21-ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىدا «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نام ئاستىدىكى زەنجىرسىمان جازا لاگېرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا دۇنيادىكى دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. مەزكۇر لاگېرلاردا بىر مىليونچە كىشىنىڭ سولىۋېلىنغانلىقى ۋە ئېغىر ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان رابىيە قادىر خانىم، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئاخبارات خادىملىرى، تەتقىقاتچىلىرى، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرى ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابلىرىغا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ جىددىي مەسىلىگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇشى ياكى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

«كۇرىتاكا» ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنىغا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاخباراتچىلار بولۇپ 200 چە كىشى قاتناشقان. نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىم يىغىندا ئۇيغۇر دىياردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغىنىدا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغىنىدا بەزى ئاڭلىغۇچىلار ئورنىدىن دەست تۇرۇپ ئالقىشلىغان. يىغىننىڭ ئاخىرىدا رابىيە خانىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.