گاۋشيۇڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى رابىيە قادىرنىڭ فىلىمىنى قويۇشتا نېمە ئۈچۈن چىڭ تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.19

يېقىندا تەيۋەندىكى بىر نەشرىيات گاۋشيۇڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن جۈنىڭ ئەسلىمىسىنى نەشر قىلدى. چېن جۈ ئەسلىمىسىدە 2009‏-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن گاۋشيۇڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كرىزىس ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ فىلىمنى قويۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن جۈ «خۇا ئانىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى، چېن جۈنىڭ 4000 مىڭ كۈنى» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە مەزكۇر فىلىمنى قويۇش-قويماسلىق«سۆز ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە تۈپ كىشىلىك قىممەت قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى»دېگەن.

ئاۋسترالىيەلىك فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى » سەرلەۋھىلىك بۇ فىلىم 2009‏-يىلى گاۋشيىوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان. بىراق گاۋشيۇڭ شەھىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ فىلىمنى فېستىۋالغا قاتناشتۇرماسلىق ھەققىدىكى قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چېن جۈنى ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كەيپىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئەگەر بۇ فىلىم فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلسا، گاۋشيۇڭ شەھىرىنى جازالايدىغانلىقى، گاۋشيۇڭغا كېلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېن جۈ يەنە گاۋشيۇڭ شەھەرلىك پارلامېنتىتكى گومىنداڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. گومىنداڭچىلار بۇ فىلىم سەۋەبلىك گاۋ شيۇڭ شەھىرى ئۇچرايدىغان زىيانغا چېن جۈ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق چېن جۈ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى ۋە گومىنداڭنىڭ بېسىمىنى رەت قىلغان.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، چېن جۈ ئەسلىمىسىدە «ئەگەر گاۋ شيۇڭ شەھىرى خىتاينىڭ بېسىمىدا بۇ فىلىمنى قويمىغان بولسا، بىزنىڭ مەيدانىمىز بولمىغان بولاتتى». . . . . . . « بۇنىڭغا ئۆلسەكمۇ ئامال يوق، كاللىمىز كەتسىمۇ بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىشىز كېرەك ئىدى. چۈنكى، بۇ سۆز ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تۈپ كىشىلىك قىممەت قارىشىغا ئالاقىدار مەسىلە ئىدى»دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.