ئاۋسترالىيە ئاخباراتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.04.20

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى‏- ئابچ پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. ئابچ نىڭ خەۋىرىدە، ئۇنىڭ بۇ قىيىن يولنى تاللاش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قاراتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئابچ نىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 37 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يالغۇز مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمنىلا ئەمەس، بەلكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ناتسىستلارنىڭ ئۇسۇلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا» دېگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش پىكىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىر» ئىغا بۇرالغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتى ئىككى كۈن ئاۋۋال بېيجىڭدا «تۈمەنلىگەن» ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئابچ نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يەنە پات يېقىندا ئاۋسترالىيەنى يەنە زىيارەت قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر-ئاۋسترالىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ قايسى ئورۇندا ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. ئابچ نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىنىدىغان ئورۇننىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتمەكتەئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.