سېدا لارۇڭ بۇددا ئىنستىتۇتىنىڭ چېقىلىشىغا نارازى بولغان راھىبە ئۆلۈۋالغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.09.05

بوشۈن تورىنىڭ 5-سېنتەبىر چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، سىچۈەندىكى سېدا لارۇڭ بۇددا ئىنستىتۇتىدىكى ئايال راھىبە ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق ئىنستىتۇتنىڭ چېقىلىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە بۇ يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ئابىي ئوبلاستى خۇڭيۈەن ناھىيىسى مىۋا يېزىسىدىن كەلگەن 20 ياشلىق راھىبە سېرىن جۇما ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالغان. سېرىن جۇما قالدۇرغان ۋەسىيەت خېتىدە دائىرىلەرنىڭ مەكتەپنى رەتلەش نامىدا ئىنستىتۇت بىنالىرىنى مەجبۇرىي چېقىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قىسقارتىشىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى خىتايدا ئېچىلغان دىنىي ئىشلار يىغىنىدا سېدا لارۇڭ بۇددا ئىنستىتۇتىنى رەتلەش قارارى ئېلىنغان.

بۇ يىل 4-ئايدا سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھۆججەت چىقىرىپ، 2017-يىلغا قەدەر مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى 5000 نەپەر ئىچىدە كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مەكتەپتىكى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقارتىلىدىغانلىقى ۋە مەكتەپتىكى بەزى قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. 20-ئىيۇل كۈنى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش ۋە بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارنى چېقىش ئىشىنى رەسمىي باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.