«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» ئۇيغۇر تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-11-01
Share

باش شتابى نيۇ-يوركتىكى «خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس ۋە تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى.

مەزكۇر تەشكىلات 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر ئەندىشىسىنى ئىپادە قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن راھىلە داۋۇتنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا ئوچۇق خەت يېزىش ئارقىلىق راھىلە داۋۇتنى سۈرۈشتە قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاكادېمىيە ئىلمىي ئورگانلارنى شۇنداقلا پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنى مەزكۇر ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلغان.

مەزكۇر باياناتتا دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە يىللاردىن بۇيان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2017-يىلى دېكابىر ئېيىدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن زورىيىپ بېرىۋاتقان لاگېرلاردىن ئىبارەت تەقىب سىستېمىسىنىڭ بىر قۇربانى بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» پۈتۈن دۇنيادىكى خەتەر ئاستىدا قالغان، ھاياتى تەھدىتكە ۋە قاتتىق سىياسىي بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئىلىم ئىگىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە زىيالىيلارنى قوغداشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەتەر ئاستىدا قالغان بىرقانچە ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنغانلىقى مەلۇم.

ئۇلار يېقىندا ئېلان قىلغان «2018-يىللىق ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش» تېمىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت