ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان رامىزانلىق چەكلىمىلەر دۇنيا ئاخباراتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى
2015.07.02
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان رامىزانلىق چەكلىمىلىرى دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ س ن ن قانىلى بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
س ن ن مۇخبىرى جىڭ ناھىيىسىدىكى يېمەك-ئىچمەك، سەھىيە ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئىدارىنىڭ تور بېتىگە نېمە ئۈچۈن روزى تۇتماسلىق، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قويغانلىقىنى سورىغان. تېلېفونغا جاۋاب بەرگەن خادىم «بىزنىڭ مەقسىتىمىز دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىش» دېگەن. بۇ خادىم يەنە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ روزى تۇتۇشىنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتۈپلا تور بەتتىكى ئۇقتۇرۇش ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.
مۇخبىر يەنە بۆرتالانىڭ تۇمشۇق يېزىسىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلىپ مەكتەپ تور بېتىگە چىقىرىپ قويۇلغان روزى تۇتماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى سورىغان. تېلېفونغا جاۋاب بەرگەن كىشى بۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى بويىچە بىر تۇتاش چۈشۈرۈلگەن ئۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
س ن ن خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزانلىق چەكلىمىلىرىگە قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇشىدىن، ياغلىق چېگىشىگىچە ئارىلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.