خىتاي رامىزان ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەنتتە تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا مۇقىملىق ۋەزىپىسى تاپشۇردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ چارشەنبە تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، 15-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ جايلاردا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چۈئەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىكەن.

رامىزاننىڭ ھارپىسىدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىش قاتارلىقلار كونكىرېتلاشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىتى بۇلتۇردىن باشلاپ كۈچەيتىلدى. گەرچە دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلسىمۇ، ئەمما خىتاي كادىرلىرىنىڭ تۇغقانلىشىش نامىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلىشىپ، ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغىچە ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ھەم ئىدىيەۋى ئەھۋالى قاتارلىق تەرەپلىرىنى نازارەت قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن، تۇرمۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق «بەشتە بىرگە بولۇشى» دەپ ئاتىغان.

مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق كادىرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆيلىرىدە «ئاز دېگەندە بىر ھەپتە بىللە تۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغان. بۇ كادىرلار ئۆزلىرى تۇرغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خىتاي كادىرلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك زىيارەت» پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىگە قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان بۇ خىل دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

رامىزان ھارپىسىدا پەيزىۋاتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر كادىر ھازىر ئائىلىلەردە تۇرۇۋاتقان كادىرلارنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىلىرىنى روزا تۇتماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈشنى باش ۋەزىپە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت