ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئوبامانىڭ رامزان تەبرىكنامىسىنى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.07.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ رامزان تەبرىكنامىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، بۈگۈن ئۇنى ئەلچىخانا تور بېتىدە ئېلان قىلغان.

ئەلچىخانىنىڭ مەزكۇر تەبرىكنامىنى ئۇيغۇر خەلقىگە بىۋاسىتە ۋە كەڭ دائىرىدە يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىلىۋاتقان بىر رىغبەت دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە تىل-يېزىقىنى چەكلەۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىگە بېرىلگەن بىر ئەگىتمە تەربىيە دەپ قاراشماقتا.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان رامزان تەبرىكنامىسىدە رامىزاننىڭ خاسىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا ھەممە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئۈزلىرى يازالايدىغان، زوراۋان كۈچلەردىن خالىي ھالدا، ئۆز ئېتىقادى بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنىالايدىغان دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت