پاكىستان بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2016.09.23
پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان بىلەن رۇسىيە مۇشۇ ئاي ئىچىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
بۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى بۇ ئىككى رىقابەتچى دۆلەتنىڭ ئېلىپ بارغان تۇنجى ھەربىي مانېۋىرى.
پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال لېيتنانت ئاسىم باجۋا، مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان رۇسىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئىككى ھەپتىلىك مانېۋىر ئۈچۈن پاكىستانغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئامېرىكىغا ياردەملىشىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە قارشى «مۇجاھىدلار» نى قورال -ياراق ۋە ئارقا سەپ بىلەن تەمىنلىگەن ئاساسلىق دۆلەت ئىدى.
بۇ دەۋردە، سوۋېت ئىتتىپاقى پاكىستاننىڭ دۈشمىنى-ھىندىستان بىلەن زىچ مۇناسىۋەت قۇرغان. ھالبۇكى، ئامېرىكا پاكىستاننىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، پاكىستان-رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرى جەنۇبىي ئاسىيادا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ يەنە بىر ئالامىتى ئىكەن. پاكىستان «ئالاھىدە مۇنبەر» گېزىتى، مانېۋىرغا ھەر بىر دۆلەت 200 دىن ئەسكەر قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









