كورلادا «رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ نىشانى «ئىككى يۈزلىمىچى» ۋە دىنىي كۈچلەر

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-02-10
Share

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆز تەۋەسىدە باشلىغان «رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنى ئاساسلىقى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» ۋە دىنىي كۆچلەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي قانۇن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبلاستلىق ج خ تارماقلىرى 4-فېۋرال كورلادا چىرقىرىغان سەپەرۋەرلىك يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا ھەر دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى بۇ نۆۋەتلىك «رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنى قاتتىق زەر بېرىش ھەرىكىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا چاقىرىلغان. 

خەۋەرگە قارىغاندا، يوقىتىلىدىغان «رەزىللىكلەر» 13 خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي گۇرۇھلار»، «3 خىل كۈچلەر» نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىرى، ھامىيلىرى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. 

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «تەكرار زەربە بېرىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت شايكىلىرى، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى قېزىپ چىقىش، يەنە بىر توپ كونا كۆتەكلەرنى كولاپ چىقىش، كەسكىن ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تۇغىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش كېرەك.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يەنە كورلا دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ج خ تارماقلىرى ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» غا زەربە بېرىشكىمۇ قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ساقچى خادىمى 29-يانۋاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان «رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. 

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» غا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قاتتىق يولغا قويغاندىن باشقا ھەر ساھە ئۇيغۇرلىرىنى ھەرخىل ناملاردا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغان. بۇ جەرياندا مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا بەند قىلىنغان. 

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن تەتقىقاتچىلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت