ب د ت باش كاتىپى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە روھېنگا مەسىلىسىدىن دوكلات بېرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-26
Share

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېرېس پەيشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە روھېنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

ئانتونىئو گۇتېرېس يېقىندا بىرما ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ روھېنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى «ئېتنىك تازىلاش» دەپ تەرىپلىگەن.

روتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىدىن 7 سى گۇتېرېسنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دوكلات بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپنى شىۋېتسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، مىسىر، سېنېگال، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئانتونىئو گۇتېرېس پەيشەنبە كۈنى دوكلات بېرىشتىن بۇرۇن ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى جېفرېي فېلتماننىڭ سەيشەنبە كۈنى تەييارلىق دوكلاتى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسې ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنت دونالد ترامپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ روھېنگا مەسىلىسىدە «كۈچلۈك ۋە تېز ھەرىكەت» قوللىنىپ، زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرماغا قارشى كۈچلۈك قارار چىقىرىشى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

خىتاي بىرمانىڭ روھېنگالار ئولتۇرۇشلۇق «راھېن شتاتىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىشىدىن قېچىپ ھازىرغا قەدەر رەسمىي قارار چىقىرالمىدى. ئۇ پەقەت بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا غەيرىي رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىقنى تەنقىد قىلغان ۋە بېرمانى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن بىرما ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان گاز تۇرۇبا يولىنىڭ مۇسۇلمانلار رايونىدىن ئۆتىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن سىرت روھېنگا كرىزىس ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسىتىگە بېرىپ تاقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت