خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ روھېنگا مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى قارارىغا يەنە قارشى تۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ روھېنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى قارارى دۈشەنبە كۈنى نە خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۇرغاچقا خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لاھىيەسىنى ماقۇللاشقا ئامالسىز قالغان. نەتىجىدە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھېنگا كرىزىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. بايانتتا، زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە روھېنگالارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا يول قويۇش تەلەپ قىلىنغان. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئۆتكەن ئايدا فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي قارار لايىھەسى بىرمىدىكى كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققان. بىراق ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودىلىشىپ، ئاخىرى بايانات ئېلان قىلىشقا قوشۇلغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، باياناتنىڭ مەزمۇنى قارار لاھىيەسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق باياناتنىڭ قارار لاھىيەسىدەك كۈچى يوق ئىكەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بىرمىنى قوللىشىنىڭ گېئو-ستراتېگىيەلىك سەۋەبى بارلىقى، بىرما-يۈننەن ئېنېرگىيە تۇرۇبا يوللىرىنىڭ روھېنگا مۇسۇلمانلىرى ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بەزى تەشكىلاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي بۇ ئويۇننى ئوخشاشلا پاكىستاندىمۇ ئوينىماقتا ئىكەن. يېقىندا بەزى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ پاكىستانغا يانتاياق بولۇپ، بالۇچلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەركىزى لوندوندىكى «ئەركىن بالۇچىلار ھەرىكىتى» تەشكىلاتى خىتاينىڭ بالۇجىستان زېمىنىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ئىشتا پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ روھېنگا كرىزىسىدا بېرمىنى قوللىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىئىنى قوزغاپ كەلگەن. ئۆتكەن جۈمە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بىرمىغا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن دېلو تۇرغۇزۇشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت