خىتاي ۋە رۇسىيە روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.28

خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بېرما ئارمىيىسىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىنماقچى بولغان بەزى قارارلارنى قوللىماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىغان. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ۋە رۇسىيەنى بىرما ئارمىيىسىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ب د ت قارارلىرىنى قوللىمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ياڭخېلى سۆزىدە «خەلقئارا جامائەت بۇ ئىككى دۆلەتكە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى كىشىلىك ھوقۇقنى ياقىلاشقا كۆندۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي ۋە رۇسىيە ھەر ئىككىلىسى بېرما ئارمىيىسىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇپ، نەتىجىدە 600 مىڭدىن ئوشۇق روھىنگالىقلارنىڭ ئۆي-جاي ماكانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلمىغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى قاتارلىقلار ھەممىسى بېرما ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان. 

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈنكى سۆزىدە، يۇقىرىدىكى ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «تاشقى كۈچلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشى مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا ئۇ مەسىلىنى بېرمىنىڭ ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. 

بېرما ئارمىيىسى روھېڭگا يېزىلىرىدا ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ب د ت ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا بېرمىنى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ باھالىغان. ئەمما خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي 5 ئەزانىڭ ئىككىسى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتتا «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. 

بىرما ھۆكۈمىتى بولسا خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بېرما ئاخباراتلىرىنىمۇ قاتتىق باستۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.