ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.06

«چوڭ خەۋەرلەر تورى» ناملىق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكاغا جايلاشقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىنى خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنىغا سەپ سېلىشقا چاقىرغان.

ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ۋىدېيو باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگەمۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۆز يۇمغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسى نەزەردىن ساقىت قىلىندى ياكى ئىناۋەتسىزلەندۈرۈلدى. دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشەنچ باغلاندى.»

ئۇ يەنە خىتاينىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ قانۇنسىزلاشتۇرۇلغانلىقى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي تارتىپ ئېلىنغانلىقى، ئاياللارنىڭ ئاياغ ئاستى ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

روشەن ئابباس، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك زۇلۇملارغا مۇپتىلا قىلىنغاندىن باشقا يەنە «نايكى»، «زارا»، «كالۋىن كلاين» قاتار دۇنياۋى ماركىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەشكە زورلانغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇ شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھېلىھەم سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئەللەردىكى مۇسۇلمانلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلارنىڭ زۇۋان سۈرمەسلىكى يۈرىكىمىزگە خەنجەر ئۇرغاندەك تۇيۇلدى.» 

ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئۇنى توختىتىشقا چاقىرغاندا، ئامېرىكىنىڭ قارشى سەپىدە تۇرۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللىغان ئەللەرنىڭ كۆپىنچىسى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.