رۇسىيە ب د ت يىغىنىدا ناتو نى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.09.28

شەنبە كۈنى ب د ت يىغىنىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ يىلقى ئۇكرائىنادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لاۋروف 1999-يىلى، ناتونىڭ سېربىيەدىكى بومباردىمانى، 2003-يىلى، ئىراققا كىرىشى، ۋە 2011-يىلى لىۋىيەگە كىرىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسا ب د ت نىڭ يىغىنىدىكى نۇتقىدا رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىنى جىنايى قىلمىش، بۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 28 دۆلىتىنىڭ ئورتاق كۆز قارىشىدىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-سېنتەبىر كۈنى موسكۋا شەھىرىدىكى ئۇرۇش قۇربانلىرى خاتىرە مەيدانىدا كۆپ ساندا ئادەم قاتناشقان دومباس رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن،

بۇ پائالىيەتكە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.