رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت بېرلىن يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماقۇل بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-04
Share


رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رۇسىيەنىڭ 5 - يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىتارتاسس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئۇكرائىنا، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ، رۇسىيە تەرەپ يىغىنغا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋىكتور سوروكىننى ئەۋەتىدىكەن.

يىغىندا ئاساسلىقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە مىنسك كېلىشىمى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 15 - يانۋار كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ئۇكرائىنا، رۇسىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىش بولىدۇ. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ئاستانادا پۇتىن بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت بۇ يىغىنلارغا خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىل قاتناشتۇرىدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار يوق.

شەرقىي ئۇكرائىنادا ئۆتكىچى ئىسيانچى كۈچلەر بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ئۆزلىرىنى لۇگانكس ۋە دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى دەپ ئاتىغان رۇسىيەپەرەس كۈچلەر يەنىلا ئۆز ئىدىيىسىدىن يانمىغان. بۇ خىل ۋەزىيەت رۇسىيە بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئىزچىل سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت