كامېرون رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-10-04
Share

رۇسىيە ئارمىيىسى ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى باشلىغاندىن كېيىن. خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» نىشانلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئەسەدكە قارشى ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ نۇقتىلىرىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

بۈگۈن، ئەنگلىيە باش، مىنىستىرى داۋىد كامېرون رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى يولىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا ۋە بېرتانىيەنىڭ «ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان كۈرىشىنى كۈچەيتىشنى قوللاشقا» چاقىردى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان داۋىد كامېرون سۆزىدە رۇسىيەنىڭ ئەسەدنى قوللىشىنى ئېغىر خاتالىق دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ: ئۇلارنىڭ ئەسەدنى قوللىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئېغىر خاتالىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئۈچۈنمۇ خاتالىق، چۈنكى بۇ پەقەت رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، دېگەن. ئۇ، رۇسىيەنىڭ پەقەت ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلارنى بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كامېرون يەنە رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ پەقەت ئەسەدكە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. لېكىن، رۇسىيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى قانۇنسىز دەپ بېكىتكەن «ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرىگە قارىتىلغانلىقىدا چىڭ تۇرماقتا. يەكشەنبە كۈنى ئەسەد رۇسىيە، ئىران ۋە ئىراقتىن ئىبارەت ئىتىپاقچىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت