رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئورتا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.10.31


بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى ئالېكساندېر بورتنىكوۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى 28 - ئۆكتەبىر رۇسىيە ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستاننىڭ شىمالىي چېگراسىغا جايلاشقان تالىباننىڭ بىر قىسىم جەڭگەرلىرى ئىسلام دۆلىتىگە بەيئەت قىلغان.

ئافغانىستان شىمال تەرەپتە ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلىنىدۇ.

ئافغانىستاننىڭ تىنچىسىز رايونى ھېسابلىنىدىغان مازارى شەرىف شەھەرىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ تەرمىز شەھىرىگە ماشىنا بىلەن 1 سائەت 30 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

ئەركىن ياۋروپا رادىئوىسنىڭ 24 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيەدىكى ئەل نۇسرا تەشكىلاتى ئۆزبېك، تاجىك ۋە چېچەنلەردىن تەركىب تاپقان 1500 جىھادچىنىڭ ئۆزلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى«ئىنتايىن جىددىي» دەپ كۆرسەتكەن ۋە ئورتا ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرىنى ئافغانىستاندىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چىرقىرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.