رۇسىيە ۋە تاجىكىستان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-03-17
Share

رۇسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋالېرىي گېراسىموۋ دۈشەنبە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، تاجىكىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، گېنېرال گېراسىموۋ بىلەن تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شېرەلى خەيرۇللايېف رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ تاجىكىستاندا داۋام لىق تۇرۇش كېلىشىمى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغان. رۇسىيە، تاجىكىستان ھەربىي ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىش، ئىككى تەرەپ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش ھەم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا پۈتۈشكەن.

گېنېرال گېراسىموۋ دۈشەنبىدىكى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 201 - بازىسىنى زىيارەت قىلغان. 201 - بازا، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسى بولۇپ، ئۇ رۇسىيىنىڭ 201 - موتورلاشقان دىۋىزىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىدى. ھازىر بۇ جايدا 7 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيە ھەربىي خادىمى تۇرماقتا.

ئۆتكەن يىلى، موسكۋا بىلەن دۈشەنبە بۇ بازىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت