رۇسىيە تاجىكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېلىرىنى تەربىيىلەشكە باشلىدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 3 ئاي ئىچىدە 250 نەپەر تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر تەربىيىلەپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تاجىكىستان ئارمىيەسىنىڭ 250 نەپەر ئوفىتسېرى رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاندىكى 201 - ھەربىي بازىسىدا تەربىيىلىنىدىكەن.
پەرغانە تورىنىڭ تاجىكىستان مەنبەلىرىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا يەنە 250 تاجىكىستان ئوفىتسېرى «ت - 72»تىپلىق تانكا، «ب م پ - 2»ۋە «ب ت ر - 80 ت»ىپلىق برونوۋىكلارنى ھەيدەش ھەم قوماندانلىق قىلىش بويىچە تەربىيەلەنگەن.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ يېقىندا جەنۇبىي چېگرالاردىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھالدا رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجىكىستاندىكى 201 - بازىسى ۋە تاجىكىستان ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئۇ دۈشەنبەنى زىيارەت قىلىپ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمان ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن،بۇ ئۇچرىشىشقا يەنە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك كېڭەشلىرى ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. مەلۇمكى، يېقىندا تاجىكىستان رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، جۈملىدىن،قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كىرىشكەن.