رۇسىيە تاجىكىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيە ھۆكۈمىتى تاجىكىستانغا 70 مىليارد رۇبلى قىممىتىدە ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە بۇ ياردەملەرنى يېقىن ئارىدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 2 - ئاپرىل كۈنى تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ياردەملىرى لاۋروۋ زىيارىتىدە ئېيتىلغان.

رۇسىيەنىڭ «كومېرسانت» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە ۋە تاجىكىستان ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتتە، رۇسىيە تاجىكىستان ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ياردەم كۆرسىتىشكە قوشۇلغان.

رۇسىيە تاجىكىستانغا ھەربىي ئالاقە، ھەربىي ھاۋا ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا كېرەكلىك ھەربىي ئەسلىھەلەرنى بېرىدىكەن.

ئەمما، موسكۋا بۇ ياردەملەرنى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى رامكىسى ئاستىدا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ھازىر رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاندا، 201 - نومۇرلۇق ھەربىي بازىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ رۇسىيەنىڭ چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى ھېسابلىنىدىكەن. رۇسىيەنىڭ دۈشەنبە، كۇلاب، قورغانتۆبە قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي بازىلاردا 7 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىم بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت