ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە داۋاملىق ئېمبارگو قويۇش بىلەن ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-04
Share

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مىنسكىدا رۇسىيە، ئۇكرائىنا، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى شەرقىي ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە مەزكۇر كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يەنىلا ئارقىغا تارتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ۋە ئىتالىيە رەھبەرلىرى ھەم ياۋروپا كېڭىشى رەھبىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تېلېۋىزىيە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىن نەتىجىسى سۈپىتىدە ئەگەر مىنسكىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىلىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنمىسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى قارار قىلىنغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگوسىنى بىر يىل ئۇزاتقان. شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەگەر مىنسك كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىنسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا يەنە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇكرائىناغا 300 كىشىلىك ھەربىي خادىم ئەۋەتىدىغانلىقى، بۇ ھەربىي خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. غەربىي ئۇكرائىنادا پائالىيەت قىلىدىغان بۇ ھەربىي خادىملار بىر قانچە تۈركۈمگە بۆلۈپ، نۆۋەت بىلەن ئەۋەتىلىدىكەن. مەزكۇر ھەربىي تەربىيىلەش نەتىجىسىدە ئۇكرائىنا مىللىي گۋاردىيەسىنىڭ تۆت روتىسى تەييارلىقتىن ئۆتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت