لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە «يېڭى دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپى» بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.03.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 30-مارت چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خۇاڭشەن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ «CBS خەۋەرلىرى» (CBS News) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ لاۋروۋنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتى ئىكەن. دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، ئۇ بۇ زىيارىتى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە بېيجىڭ ۋە موسكۋانىڭ بىرلىكتە «يېڭى دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپى» بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لاۋروۋ 30-مارتتىكى سۆزىدە دۇنيانىڭ «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى ئىنتايىن ئېغىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى» ئېيتقان. رۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سىن خەۋىرىدە لاۋروۋ خىتاينى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «بىز سىز بىلەن، شۇنداقلا بىزنىڭ تەرەپدارلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە كۆپ قۇتۇپلۇق، ئادىل، دېموكراتىك يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە قاراپ ئىلگىرىلەيمىز،» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئاخبارات باياناتىدا ۋاڭ يىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان: «خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلماقتا. دەرۋەقە، خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ چېكى يوق.»

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يەنە: «بىزنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىشىمىزنىڭ، دۆلەت خەپۋسىزلىكىنى قوغداشىمىزنىڭ ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشىمىزنىڭ چېكى يوق،» دېگەن.

ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، ئاۋام خەلقنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان رۇسىيەنىڭ 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «يېڭى دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپى» قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، دىققەت قوزغىماقتا.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تېخى يېقىندا رۇسىيە ۋە خىتاينى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي ساھىبخانلىق قىلىدىغان بىر يۈرۈش يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساس قىلغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت