ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى تور ئىدارىسى قۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىقى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى 4-ئاپرېل كۈنى «تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ۋە ئىش باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر ئىدارىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى بىر قاتار دىپلوماتىك خىزمەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى خىزمەتكە ئېلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بوشلۇقىدىكى ئوبرازىنىڭ قانداق بولۇشىنى نامايەن قىلىدىكەن. شۇنىڭدەك ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە ھەمدەم بولىدىكەن.

CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدە بولۇۋاتقان ئىشلار بىزنىڭ رەقەملىك كەلگۈسىمىزنىڭ ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بەكمۇ ئاشكارا نامايەن قىلدى. دۇنياۋى ھەقلەر ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ رەقەملىك ھاياتىمىزنىڭ مەركىزى بولۇشى لازىملىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ نەچچە ئونلىغان خىزمەتچىلىرى قوللىنىۋاتقان «ئالما» يانفونلىرى كۆپ قېتىم تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، غەرەزلىك ھالدا تور ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇلغان. يەنە كېلىپ نۆۋەتتە كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مۇشۇ خىلدىكى تور بوشلۇقى جاسۇسلۇقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا ئىكەن. تور بوشلۇقىدا بۇ خىلدىكى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان خاككېرلارنىڭ كۆپ قىسمى بىۋاستە ھالدا روسىيە ۋە خىتايغا چېتىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئىدارىغا 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 100 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال دىپلوماتلاردىن جېننېفېر باكۇس (Jennifer Bachus) بۇ ئىدارىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت