خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىك ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
2016.05.27
خىتاي، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى- ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئىلتىماسى رەت قىلىندى.
ئامېرىكا مەزكۇر قارارنى دەرھال تەنقىدلەپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئىزچىل رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ كەلگەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىست ۋە تور قوللانغۇچىلىرىنى باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىش، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئىلتىماسى ب د ت ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغان. ئەمما 19 ئەزادىن تەركىب تاپقان كومىتېتتىكى خىتاي، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جوئېل سايمون: «ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسى ناچار ئاز ساندىكى دۆلەتلەر ‹ئارقىغا سوزۇش› قاتارلىق بيۇروكرات تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ يولسىز سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلدى» دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى سامانتا پوۋېر، كومىتېتنىڭ قارارىنى «رەزىللىك» دەپ تەنقىدلەپ، بۇنى ب د ت ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كېڭىشىدىكى 54 دۆلەتنىڭ ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









