شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكى» مەسىلىسىدە خىتاينىڭ موسكۋانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-ماي چارشەنبە كۈنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ قىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيەنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكى» مەسىلىسىدە موسكۋانى قوللايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ 69 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىكى سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

كرېمىل سارىيىدىن تارقىتىلغان باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تېلېفون كۆرۈشۈشى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتى بولۇپ، سۆھبەت ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش پۇرسىتى بولغان ئىكەن.

شى جىنپىڭ 16-ئىيۇن كۈنىدىكى تېلېفون كۆرۈشۈشىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەر شارىدىكى داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ كەلدى. خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇقىم ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. خەلقئارا تەرتىپ ۋە يەر شارىنى باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.»

رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئامبارگو قويغان ئىدى. بىراق خىتاي بۇ ھەرىكەتلەرگە قوشۇلمايلا قالماي، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى «ھەربىي ھەرىكەت» دەپ ئاتىغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ۋەقەدىن كېيىن شى جىنپىڭنى ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە ھەرقانداق شەكىلدە ياردەم قىلىپ، رۇسىيەنىڭ جازا تەدبىرلىرىدىن قىينالماي ئۆتۈۋېلىشىگە ياردەم قىلسا، ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، CNN تېلېۋىزىيەنىڭ ئېيتىشىچە، كرېمىل سارىيى شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ 15-ئىيۇن كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبتىگە ئائىت ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىككى تەرەپ غەرب يولغا قويغان قانۇنسىز جازا سىياسىتى سەۋەبىدىن بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان يەر شارى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېىىمۇ كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.