خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرگە چاتماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-07-01
Share

خىتاي ئاخباراتى دۈشەنبە كۈندىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرگە سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرى سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى، ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي كومپارتىيىسى باشقۇرۇشىدىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە شەرقىي تۈركىستانچى كۈچلەرنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرگەنلىكىنى ۋە شۇ يەردە قوراللىق تەربىيە كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى: شەرقىي تۈركىستانچى كۈچلەر سۈرىيەدە، خىتاي تېررىتورىيىسىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىدىغان ئەزالىرىنى تاللىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيەدە تەربىيىلىنىپ كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەمەت ئېلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى قولغا چۈشۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە: ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت  ئېلىشى شۇنچە تەسلىشىپ كەتكەن تۇرسا، ئۇلار نەدىمۇ سۈرىيەگە قاچالىسۇن؟-دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئوتكەن ھەپتە خوتەن ۋە تۇرپاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت